🎙️
ئۇيغۇرچە سۈنئىي ئەقىل ئاۋاز سىستېمىسى
ھۆرمەتلىك تورداش، ئۇيغۇرچە سۈنئىي ئەقىل ئاۋاز سىستېمىسىمىزنى ئىشلەتكىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز! بۇ سىستېما ئەڭ يېڭى سۈنئىي ئەقىل تېل تېخنىكىسى (LLM) ۋە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش مودېلى (VITS) نى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ياسالغان بولۇپ، سىز كىرگۈزگەن تېكىستلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە، تەبىئىي ئادەم ئاۋازىغا ئەڭ يېقىن قىلىپ ئوقۇپ بېرىدۇ.
ئەڭ ياخشى ئاۋاز ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ۋە مۇلازىمىتىمىزدىن بىخەتەر پايدىلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قوللانما ۋە كېلىشىملەرنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
🔑 سىستېمىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
- بىزنىڭ سىستېمىمىز ئادەتتىكى ماشىنا ئاۋازلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭغا مەخسۇس «ئاقىل تېكىست بىر تەرەپ قىلىش مېڭىسى» ئورنىتىلغان
- تەبىئىي ئۇلىنىپ ئوقۇلۇش لوگىكىسى: ئۇيغۇر تىلىدىكى ياردەمچى پېئىللارنى ۋە قوشۇپ ئوقۇلىدىغان سۆزلەرنى (مەسىلەن: «خۇشال بولۇپ كەتتى» دېگەن سۆزنى خۇددى دىكتورلاردەك بىر نەپەستە ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن. خۇشالبولۇپكەتتى دەپ )خەت ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقنى تامامەن ئېلىۋېتىپ بىرىكتۈرۈپ يازسىڭىزلا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
رەقەملەرنى ئۇيغۇرچە خەتكە (مەسىلەن: "123" نى "بىريۈزىيگىرمەئۈچ" دەپ ) رەت سانلارنى كەينىدىكى چېكىتى بىلەن بىللە ئوقۇلىدىغان قىلىپ (مەسىلەن: "1." نى "بىرىنچى"، "2." نى "ئىككىنچى" دەپ ).
(مەسىلەن: "ياسىماقچى بولغان" نى "ياسىماقچىبولغان"، "تەرەققىي قىلماقتا" نى "تەرەققىيقىلماقتا").
- خەت سانىغا چەكلىمە يوق — لېكىن مۇۋاپىق مىقداردىكى خەت سانىنى كونترول قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .
- مەزكۇر سىستېما پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلى ئاۋازدا مەشىقلەندۈرۈلگەن . دۆلەت تىلىدىكى ئىنگلىز تىلىدىكى باشقا يات تىلدىكى مەزمۇنلار ئارىلاشقان بولسا ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزىنى يېزىپ بەرسىڭىز تېخىمۇ توغرا چىقىدۇ . مەسىلەن ،你好نى نىخاۋ دەپ كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ .رەقەملەرنى ئۇيغۇرچە خەتكە (مەسىلەن: "123" نى "بىريۈزىيگىرمەئۈچ" دەپ ) .
📋 مەشغۇلات قەدەملىرى
- تېكىست كىرگۈزۈش: تېكىست رامكىسىغا ئوقۇتماقچى بولغان خەتنى يېزىڭ ياكى چاپلاڭ. (ئەسكەرتىش: جۈملىلەر ئاخىرىغا چېكىت .، پەش ، ۋە سوئال بەلگىسى ؟ غا ئوخشاش تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا قويسىڭىز، سىستېما شۇ بەلگىلەرگە قاراپ تىنىم ئالىدۇ، ئاۋاز تېخىمۇ تەبىئىي چىقىدۇ).
- ئاۋاز تۈرى ۋە سۈرئەت: ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئاۋاز تۈرىنى (ئەر/ئايال) ۋە ئوقۇش سۈرئىتىنى تاللاڭ. نۆۋەتتىكى سىستېما سىناق قىلىش باسقۇچىدا ئەسلى ئاۋاز سۈزۈك نۇسخىسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى ئوقۇش سۈرىتىنى نورمال قىلىپ تەڭشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .
- كۈتۈش ۋاقىتى: كۇنۇپكىنى باسقاندىن كېيىن ئازراق كۈتۈڭ. (تېكىستىڭىز سۈنئىي ئەقىل مېڭىسىدە قېلىپلىشىپ ئاندىن ئاۋازغا ئايلىنىدىغان بولغاچقا، خەتنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ 5 سېكۇنتتىن 20 سېكۇنتقىچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن).
- چۈشۈرۈش:ئاۋاز تەييار بولغاندا بىۋاسىتە قويۇپ ئاڭلىيالايسىز ھەمدە كۇنۇپكىنى بېسىپ كومپيۇتېر ياكى تېلېفونىڭىزغا ساقلىۋالالايسىز.
⚖️ ئىشلىتىش كېلىشىمى
- قانۇنلۇق ئىشلىتىش:ئابونتلار بۇ سىستېمىنى پەقەت ئۆگىنىش، كۆڭۈل ئېچىش، مەزمۇن ئىجادىيىتى قاتارلىق قانۇنلۇق مەقسەتلەر ئۈچۈنلا ئىشلىتىشى كېرەك.
قەتئىي مەنئى قىلىنىدىغان قىلمىشلار: سىستېمىدىن پايدىلىنىپ ساختىپەزلىك قىلىش، يالغان ئۇچۇر تارقىتىش، سىياسىي ۋە دىنىي سەزگۈر مەزمۇنلارنى، باشقىلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تېگىدىغان زەھەرخەندە سۆزلەرنى ياكى قانۇنغا خىلاپ ھەر قانداق مەزمۇننى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇش پۈتۈنلەي چەكلىنىدۇ.
- نەشر ھوقۇقى: بۇ سىستېما ئارقىلىق ياسالغان ئاۋازلارنى شەخسىي ئىجادىيىتىڭىز (مەسىلەن: قىسقا سىن، رادىيو تىياتىرى، ئاۋازلىق كىتاب) دە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
سىستېمىنى يامان غەرەزدە كۆپ مىقداردا ئىگىلەپ تور ھۇجۇمى قىلىشقا ياكى سىستېمىنىڭ API ئېغىزىنى رۇخسەتسىز سودا ئۈچۈن ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
- مەخپىيەتلىك: سىز كىرگۈزگەن تېكىستلەر پەقەتلا ئاۋاز بىرىكتۈرۈش جەريانىدىلا (ۋاقىتلىق) بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىز ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرى يازغان مەزمۇنلىرىنى كۆرمەيمىز يىغمايمىز ياكى ساتمايمىز.
- مەسئۇلىيەت: بۇ بىر سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى بولغاچقا، ئۇنىڭ 100% توغرا تەلەپپۇز قىلىشىغا ياكى ھەر ۋاقىت تورنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
ئابونت سىستېما ھاسىل قىلغان ئاۋازنى تارقىتىش جەريانىدا كېلىپ چىققان ھەر قانداق ئىجتىمائىي ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىققا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. سىستېما ئاچقۇچى تەرەپ بۇنىڭغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
كۇنۇپكىنى باسقانلىقىڭىز يۇقىرىقى بارلىق كېلىشىملەرگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.